ئامېرىكىدا ۋەتەن قەھرىمانلىرىنى ئەسلەيدىغان 29 ‏- ماي كۈنى ئۇيغۇرلار نېمىنى ئەسلىدى؟

0:00 / 0:00

بۈگۈن 2006 ‏- يىل 5 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى، ئامېرىكىدا بۈگۈن ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانلارنى ئەسلەيدىغان 140 ‏- قېتىملىق بايرام. ئەگەر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈننى ئەسلىگەندە، 1962 ‏- يىلى بۈگۈنكى كۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى رايونىدا چېگرا خەلقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 100 مىڭدەك ئۇيغۇر ئاھالىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ مېڭىشقا باشلىغان كۈن. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان كۈن قىلىۋېلىپ ، ھەر يىلى ئۇيغۇر خەلقىغە بىر قېتىم ۋەھىمە پەيدا قىلىپ تۇردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ۋەلى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.