شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر رەسسامى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

28 – نويابىر شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر رەسسامى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى. باشلىنىش مۇراسىمىغا يەرلىك خەلقلەردىن 200 دەك كىشى قاتناشتى.

بۇ قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ 11 – قېتىملىق كۆرگەزمىسى بولۇپ، ئۇ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن رەسسام قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنى زىيارەت قىلدى.