كۇچا خەلقىنىڭ نارازىلىقىدىن دۇنيا خەۋەردار بولدى


2007.07.20

fAMILYPROTEST-150.jpg
ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچادىكى نارازىلىق ھەركىتىگە ئوخشاش، خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ ناھەقچىلىكىگە قارشى داۋالىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. سۈرەتتە، بىر خىتاي تەرىپىدىن، 1994 - يىلى، بۇلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر سودىگەر ئائىلىسىنىڭ، ئۈرۈمچىدە، ھوكۈمەت ئالدىدا ئەرىز سۇنۇپ تۇرغانلىغى كۆرسىتىلگەن. Family members of a murdered Uighur trader seek justice in Urumqi in 1994. AFP PHOTO/GOH Chai Hin

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش" نامىدا ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۈركۈملەپ مەجبۇرىي يۆتكەۋاتقانلىقىغا قارىتا ، يېقىندا ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق .

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئورگان ھەم تەشكىلاتلارمۇ ،شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەمدە قانۇنىي ھەق ‏- ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ھەقتە گەرچە خىتاي باستۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىدىن خەۋەردار بولماقتا .

كۇچادىكى خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىگە كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ ؟ مەزكۈر مەسىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر قانداق باھا بېرىدۇ ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىغان مەلۇماتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايلى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.