0:00 / 0:00

يېقىندا غەرىپ مەملىكەتلىرىگە بىر قەدەر تونۇش بولغان مەتبۇئات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى "يىراق شەرق ئىقتىسادىي ئۇچۇرى" دا ئەرلىڭ ھوھ ئىسىملىك ئاپتور تەرىپىدىن "سۇلتاننىڭ ناخشىسى" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە كۈرەش سۇلتان( كۈرەش كۈسەن) نىڭ ئىجادىي ۋە سىياسىي ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى دۇچ كەلگەن ھەم كېلىۋاتقان بېسىملار يورۇتۇلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۈرەش كۈسەن ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.