0:00 / 0:00
ئاتاقلىق كومپوزىتور، ناخشىچى كۈرەش كۈسەن چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان، خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن جەڭگىۋار ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ نەشر قىلدى ۋە سەھنىلەردە ئورۇنلىدى.
يېقىندا ياۋروپادىكى پاتېنت ئىدارىسى كۈرەش كۈسەننىڭ "ئاتلاندۇق" ناملىق ناخشىسىنىڭ يىگىرمە نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى رادىئو، تېلېۋىزىيىلەردە ئورۇنلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قوغدالغانلىقى ھەققىدە ئۇختۇرۇش تارقىتىپ، ئۇنىڭغا تېگىشلىك نەشر ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.
شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، كومپوزىتور، ناخشىچى كۈرەش كۈسەن ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا پاتېنت ھوقۇقى ئەمەس ھەتتا ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭمۇ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.