ليەن جەننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

چوڭ قۇرۇقلۇققا كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن گومىنداڭ پارتىيىسنىڭ ھازىرقى رەئىسى ليەن جەن ئەپەندى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلغىلى كەلدى.

بۇرۇندىن تارتىپ خەلققە "گومىنداڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلماقچى" دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئورگىنى - شىنخۋا ئاگېنتلىقى ھازىر "ليەن جەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى" دېدى.

گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەننىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە، ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھرىدە تۇرۇشلۇق سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۋا ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق سىياسى مۇلاھىزىچى ھۈسەن ئەپەندىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلاڭ.