خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى


2007.02.19

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرچە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر دىيارىدا گومىنداڭ مەزگىلىنى، غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىنى ۋە كوممۇنىست خىتاي مەزگىلىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ 1980-يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن پېشقەدەم تارىخچى، تۈركىيە سەلچۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى دوكتور ئىقلىل قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئىقلىل قۇربان 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇر مائارىپىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتتىق قوللۇق بىلەن مىللى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقى يۈزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.