0:00 / 0:00
تۈركىيىدە ئۇزۇن يىل باش ئەلچى بولۇپ تۇرغان خىتاي دىپلوماتى ياۋ كاڭيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئىستراتېگىيە" ناملىق ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ 11-سېنتەبىردىن كېيىنكى سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرى ھەققىدە توختالغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن سىياسىي ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سوھبەتلىشىپ، مەزكۇر ماقالا ھەققىدىكى قاراشلىرى سورىدى.