مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زەربىگە ئۇچرىغان ئابدۇرېشىت ھاجىم ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يالغۇز خىتاي خەلقىگىلا ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

ئابدۇرىشىت ھاجىم ئەنە شۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە 15 يىللىق ھاياتىنى خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن قىستاق ۋە ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئابدۇرىشىت ھاجىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ يەنىلا خىتايلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەركىن دۇنيادا ئۇيغۇر داۋاسى ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلغان. خوتۇن، بالا‏ - چاقىسىنى تاشلاپ، چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان

ئابدۇرىشىت ھاجىم بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشايدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرىشىت ھاجىم بىزگە ئەينى چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.