مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" دا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغانلارغا ناتونۇش بولۇشى ناتايىن.
مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى 1981-يىلى "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" غا ئاشپەزلىك خىزمەتىگە ئورۇنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، "بىر قولىدا چۆمۈچ، بىر قولىدا كىتاب تۇتۇپ"، ئەنگلىزچە، خىتايچە، دۇنيا تىلى، رۇسچە ۋە باشقا تىللارنى ئۆگىنىپ، ياشلارغا ياخشى ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن ئېدى.
مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مەزكۇر مەكتەپنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمى، كۈتۈپخانا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن.
1998- يىلى خىزمەتتىن مەجبۇرىي قوغلىنىپ، يېقىندا كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى سۆيگەن مەكتەپ ۋە خىزمەتتىن قانداق ئايرىلغانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.
