مەسۈمجان زۇلپىقاروپنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

0:00 / 0:00
mesumjan-zulpiqarof.jpg
مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروپ

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 27-كۇنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ پاجىئەلىك قازا قىلغانلىقىغا 56 يىل تولدى. ئەخمەتجا قاسىمى گەرچە بۇنىڭدىن 56 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يارقىن سىماسى ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئىنقىلاب قاتناشچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ئەسلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ھاياتى، تەقدىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك خىسلىتى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە رىۋايەت كەبى سۆزلۈنۈپ كەلمەكتە.

گەرچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 27- كۈنى ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىشتىراكچىلىرى بۇنىڭغا تاكى ھازىرغىچە ئىشەنمەي كەلمەكتە.

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدىن باشلاپ ئىشتىراك قىلغان، غۇلجىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرى، جىڭدىكى ئۇرۇشلاردا ۋە باشقا سەپلەردە بولغان مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ،يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروپ ئەپەندى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەسۈمجان زۇلپىقاروپ ئەپەندى ئۆز پىكىرلىرىنى خۇلاسىلاپ، مەيلى ئەلىخان تۆرە ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق سۆيگەن رەھبەرلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنى سۆيۈدىغانلىقى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.