خىتايدىكى مىللەتچىلىك ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا


2005-04-21
Share
CHINA_JAPAN_PROTEST_Guangzh.jpg
10-ئاپرىل كۈنى، گۇاڭجۇدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىش.

خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا خىتايدىكى مىللەتچىلىك دولقۇنىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇردى.

يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ۋە ئېنتېرنېتنى، كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ قارىغانلارغا قارشى خەلقنىڭ تار مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ كېيىنكى نىشانى- ئامېرىكا

يىغىنغا قاتناشقان ۋىسكانسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېدۋارد فرىدمەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ ئاساسلىق رەقىبى ھېسابلانغان ياپونىيىنى مەقسەتلىك نىشان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەمدىكى نۆۋەتنىڭ ئامېرىكا، تەيۋەن ۋە دېموكراتىيىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نيو-يوركتىكى سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قىلىچ قانات، خىتاينىڭ خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان بۇ قارشىلىقلىرى ئاساسلىقى، ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرىسلىك كىتاۋىغا نارازى بولۇش، ياپونىيىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىغا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكو تاقىم ئاراللىرى ماجراسى سەۋەبىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

بۇ ماجرا ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن

خىتاينىڭ بۇ قېتىم ياپونىيىگە تۇتقان يولى ياخشى بىر دىپلوماتىك ئۇسۇلمۇ؟ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ماجرانىڭ ھەل بولىشىغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا خىتاي-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ماجرانىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبىتىمىز داۋامىدا قىلىچ قانات يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىۋاتقان بۇ مىللەتچىلىك ئېقىمىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور ئېدۋارد فرىدمەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى دېموكراتىيە بولمىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا دېموكراتىيىنى تارقىتىشتا يەككە پائالىيەت ئېلىپ بارماستىن، بەلكى دۇنيا دېموكراتسىيىسى بىلەن ئورتاقلىشىپ بولۇپمۇ ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت