خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيىۋاتقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە پارتكوم سېكىرتارلىرىنى يىغىپ مەخسۇس كۇرس ئېچىپ ، مائارىپ ساھەسىدە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا ھوشيارلىقنى كۈچەيتىشنى ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشنى تەكىتلىدى .
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇمكى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەدىنىي -مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل سېكرىتارى نۇر بەكرى ، مائارىپ ساھەسىدىكى پائالىيىتىنى كۈچەيتمەكتە .
12 - ئۆكتەبىر نۇربەكرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرىگە ئېچىلغان كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە سۆز قىلىپ "مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، مائارىپ ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ ياخشى ئىشلەش زۆرۈر" دەپ تەكىتلىگەن .
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە پارتكوم سېكرىتارلىرىغا ئېچىلغان بۇ كۇرس ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېچىلغان ، سىياسىي تەربىيىۋى كورسى بولۇپ ، كۇرسانتلارغا ماركىسىزم مىللەتلەر ئىدىيىسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ، خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەلىم -تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپوسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە 320 مىڭغا يېقىن كىشى ئوقۇتقۇچىلار سېپىدە خىزمەت قىلغۇچىلار بولۇپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيالىلار سېپىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ يىل سىنتەبىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشى بىلەنلا ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتكوم مۇئاۋېن سېكرىتارى نۇربەكرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئارقا ئارقىدىن سۆز قىلدى . نۆۋەتتە ئۇنىڭ مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسۈتىشى ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان سىياسىي بېسىمىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىماقتا.
بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىيتىگە نارازىلىقىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى رادىئومىزدا نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى :
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي مائارىپىنى قوش تىللىق مائارىپ نامىدا خىتايچىلاشتۇرۇشقا كىرىشتى . يەنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرىۋېتىلدى ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئاساسلىق دەرسلىكلەر خىتاي تىلىدا ئۆتۈلمەكتە ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مىللىي مەكتەپلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا . بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئوقۇتقۇچىلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش شەرت قىلىنىپ ، مائارىپ سېپىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇتقۇچى مائارىپ سېپىدىن ئايرىلماقتا . رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ مەلۇمكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مائارىپقا قاراتقان بۇ خىل خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىيتى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەەتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە پەيدا بولغان بۇ خىل نارازىلىقلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىشارىتى دەپ" مۇلاھىزە قىلىشماقتا.