0:00 / 0:00
قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر تىياتىرى ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر ئۆمەكنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تەرەققىي قىلىشىدا ئاساسلىق رول ئويناپ كېلىۋاتقان تىياتىر مۇدىرى، كومپوزىتور مۇراد ئەخمەدىف ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تىياتىر كوللېكتىپىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ياشلارغا دائىر چوڭ تىپتىكى يېڭى دراما ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە توختالدى .