مۇزىكانت ئادالەت ئىسايىۋا خانىم بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00
tamara-adalet-200.jpg
مۇزىكانت ئادالەت ئىسايىۋا ئانىسى تامارا خانىم بىلەن. رەسىمنى ئادالەت تەمىنلىگەن. ۋەتەن ھەققىدە قەسىدە – ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىسى.. ئادالەت خانىمنىڭ رەسىم ۋە كۆرۈنۈشنى توردا قويۇشقا قوشۇلغىنىغا رەخمەت.

ئادالەت ئىسايىۋا كانادا ماكگېل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكولوگىيە فاكۇلتېتىدا رۇسىيە مۇزىكىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كاندىدات دوكتورلارنىڭ بىرى.

قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئادالەت خانىم 1990 -يىللاردا كاناداغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىدۇر. مۇزىكولوگىيە ئىلمى ئادالەت خانىمغا ئانا مىراس كەسپى بولۇپ، ئادالەتنىڭ ئانىسى تامارا خانىم 1980 - يىللىرى موسكۋادا مۇزىكا نەزىرىيىسى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئادالەت ئىسايىۋا نۆۋەتتە رۇسىيە مۇزىكىسى ۋە ئورىئېنتالىزم مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى تەييارلىماقتا. ئۇ، يېقىندا رادىئومىزغا كېلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى.

- ياخشىمۇ سىز ئادەلەت خانىم، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىمى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. سىز كانادا ماكگېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋېتىپسىز، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە قانداق خىزمەتلىرىڭىز بار؟

- مەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىسىنى ناھايىتى ياقتۇرىمەن. ھەر قانداق ئاممىباپ مۇزىكىلاردىنمۇ كۆپرەك ياخشى كۆرىمەن ھەم ئاڭلايمەن. مېنىڭ ھازىر ئاساسلىقىنىم ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۈستىدە. مېن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كلاسسىك مۇزىكىسى مەيلى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى مەيلى تەتقىقات ساھەسىدە بولسۇن يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى چۈشەندۈرۈلمەيۋاتقان ساھە، دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەش ئورنىغا ، ئەكسىنچە ئۇنى قىسقارتىش، ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇزىكا قۇرۇلمىسى، تېكىستلەر ۋە قوشۇمچە تېكىستلارنى قىسقارتىش يولىغا كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇزىكىنىڭ ھەقىقى مەنىسى، بەدىئىي چوڭقۇرلۇقى ئىپادىلەنمەيۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مۇزىكا ناھايىتى ئاددى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالماقتا. مەن بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان نەرسە، دەپ قارىمايمەن. بولۇپمۇ بۇ يەردە ئىپادىلىنىش ئۇسلۇبىدىكى مەسىلە. مېنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمنىڭ ئاساسى تېمىسى شەرق ۋە رۇسىيە مۇزىكىلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسلۇبى مەسىلىسىگە دائىر يەنى رۇسىيە مۇزىكىسىدىكى شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۇسلۇبى.

- ئۇيغۇر 12 - مۇقامىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى رولىغا قانداق قارايسىز؟

- مېنىڭچە 12مۇقامنى ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئانىسى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنى شۇنداق، دەپ قارايدۇ. مۇقامنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ناھايىتى ئۇزۇن يىللارغا، بىر قانچە يۈز يىللارغىچە بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاز دېگەندە 500 يىللىق تارىخىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مۇقام ئۇزۇن يىللار جەريانىدا بارلىققا كەلگەچكە 12 مۇقامنى تارىخىمىز، سەنئىتىمىز، مەدىنىيىتىمىزنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ۋاستە، دېسەك بولىدۇ. مۇقام ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەچكە يەنە بىر جەھەتتە مۇقامنى ئۇيغۇر تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇزىكىدا ئەكس - ئېتىش شەكلى، دەپ قاراش مۇمكىن. يەنى مۇقام پارچىلىرى ئەمىلىيەتتە شۇ دەۋرلەردىكى تۇرمۇش پائالىيىتىنىڭ ئىپادىسى. بۇ پارچىلاردا تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ بىزگە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈپلا قالماي، ئۇ يەنە بىزگە ئۇيغۇر پەلسەپەسى، دىن شۇنداقلا پىسخولوگىيە ۋە تارىخى چوڭقۇرلۇقنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقامنىڭ مۇزىكا قاتلىمىدىن بىز ئىنسانى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئالاقىلارنى ھىس قىلىمىز. بولۇپمۇ مۇقام بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن: مۇقامنىڭ چوڭ نەغمىسىنىڭ مەنبەئەسىنى كۇشان ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە باغلاش مۇمكىن. بۇ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۇشان مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى ھىندى ۋە ئىران خەلقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھىس قىلدۇرىدۇ شۇنداقلا مۇزىكا ئارقىلىق بىزنىڭ شۇ دەۋردىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىن خەۋەردار قىلىدۇ. مەسىلەن: بىز مۇزىكىدىكى ئىپادىلەنگەن تۇيغۇلاردا شۇ خەلقلەر بىلەن ئوخشاش كېتىدىغان نۇرغۇن مۇزىكا رىتىملىرىنى بايقايمىز. قىسقىسى 12 مۇقامنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئېنسكلوپېدىيىسى، دېيىش كېرەك.

- ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ قەدىمكى كۇشان ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە توختالدىڭىز. مۇقامنىڭ تارىخىنى قانچىنچى ئەسىرگىچە سۈرۈش مۇمكىن؟

- مۇقامنىڭ ئەسلى مەنبەسى زادى قاچاندىن باشلانغان، قانداق تەرەققى قىلدى، دېگەن مەسىلىگە بىر نىمە دىيىش تەس. چۈنكى گەرچە بىز مۇقام توغرىسىدا پارچە - ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساقمۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ مۇقام تارىخىي توغرىسىدا، بولۇپمۇ مۇقامنى پالانچى دەۋردىن باشلانغان دىيىشىمىزگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ ئاساسى ئۇقۇمىنى بىلگەنلىكىمىز ۋە تونۇيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنى دىيەلەيمىزكى، مۇقامنىڭ يىلتىزىنى تارىختىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي دەۋرلەردىن باشلانغان. مەن مۇقامنىڭ تارىخىي يىراق زامانلارغا بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

- ئۇيغۇر خەلقى ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ياشلاردا پوپ مۇزىكىلىرىغا قىزىقىش كۆپەيمەكتە. پوپ مۇزىكىلار بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ھەققىدە قانداق قارايسىز؟

- مەن ئويلايمەنكى مۇزىكىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش كېرەك. يەنى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كلاسسىك مۇزىكىلىرىمىز بىلەن غەرب مۇزىكىلىرى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك. مەسىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكانتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ "دەرۋىش" مۇزىكا ئانسامبىلى، دەيدىغان بىر مۇزىكا ئۆمىكى بار. مېنىڭچە دەرۋىش مۇزىكا ئانسامبىلى بۇ تەڭپۇڭلىقنى تاپقان مۇزىكا ئۆمىكى بولسا كېرەك. ئۇلار ناھايىتى ياخشى مۇزىكىلارنى ھازىرلايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە مۇزىكىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندايدۇ. ئۇلار بەزى غەرب مۇزىكا ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا غەرب مۇزىكا ئېلېمېنتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئورۇندايدىغان ئۇسلۇب بار. ئۇلارنى بۇنى چاندۇرماي تۇرۇپ مۇزىكىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن. لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ مۇزىكىلارنىڭ مېلودىيىسى ناھايىتى ئاددى. بۇ ئەھۋال بەزىدە مېنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى مەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ ناھايىتى باي ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بۇ ماڭا خۇددى مەدەنىيىتىمىز ئاددىيلىشىپ كېتىپ بارغاندەك تۇيغۇ بەرمەكتە. يەنە بىر مەسىلە شەرقىي تۈركىستاندا بەزى تارىخىي ناخشا -مۇزىكىلار چەكلەنگەن. بۇلار ئاساسەن تارىخىي ناخشىلار. چۈنكى بۇ خىتاينىڭ سەنئەت سىياسىتى شۇنداقلا ئېتنىك مىللەتلەرنى تارىخ تېمىلاردا چەكلەش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر. بۇ يەردىكى مەسىلە بىزنىڭ تارىخىمىز ئۆتۈپ كەتتى. مۇشۇ ناخشىلار بىلەن شۇ دەۋردە قالدى. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋرنى چۈشىنىش شۇنداقلا شۇ تارىخىي ناسخشىلاردا نېمىلەرنىڭ دىيىلمەكچى بولغانلىقىنى بىلىشتۇر. بىزنىڭ ئىپارخان، نۇزۇكۇم، سېيىت نوچىغا ئوخشاش تارىخىي ناخشىلارغا باي بولساقمۇ، ئەپسۇسكى بۇلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا مېنىڭ قارىشىم ناھايىتى كونسېرۋاتىپ ھېسابلانسىمۇ، لېكىن كونسېرۋاتىپ بولۇشۇمغا سەۋەبىم بار. بۇ سەۋەبىم تارىخي ناخشا - مۇزىكىلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بولسا كېرەك.