0:00 / 0:00
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا – ئافرىقا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيچىل خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى يازدى. خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى.
ئۇ يېقىندا لوندوندىكى ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە قاتناشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى رەيچىل خانىم بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
