0:00 / 0:00
10-11-مارت كۈنلىرى ئۇكرائىنىيىنىڭ پايتەختى پايتەختىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك – ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى – ئىقتىساد ۋە كېلەچەك" ناملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا 60 قا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان.
بۇ يىغىنغا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىللە، قازاقىستان ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسەتشۇناس شېرىپجان نادىروف ئەپەندى قاتناشقان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، شېرىپجان نادىروف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.