ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
2006.08.23
تۈركىيىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى، تۈرك يۇرتى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، تۈرك ئوچاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مەجلىس باشلىقى نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى بىلەن تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھۆرمەتلىك نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى، تۈرك ئوچاقلىرى قاچان قۇرۇلغان، قۇرۇلۇش مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
تۈرك ئوچاقلىرى بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بولغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، 1912-يىلى قۇرۇلغان. 1912-يىلى تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ بىر يىل ئىدى. چۈنكى تۈرك مىللىتىنىڭ يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىمىز بەلگىلىنىدىغان بىر يىل ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئىستانبۇلدىكى مىللى غۇرۇرغا ئىگە زىيالىلار تۈرك مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ياشىتىش ئۈچۈن بىر ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئېھتىياج بارلىقىنى ھەس قىلىپ، تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان ئىكەن. تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى پەقەتلا ئىستانبۇلدىكى تۈرك مەدەنىيىتىنى ئەمەس، پۇتۇن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئۇ يىللاردا تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپى قىرىم، ئازەربايجان، قازان قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن زىيالىيلاردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن.
ھۆرمەتلىك نۇرى گۇرگۇر ئەپەندى، ئۇ مەزگىللەردە تۈرك ئوچاقلىرى تۈرك دۇنياسىغا قارىتا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىكەن؟
تۈرك ئوچاقلىرى ئۇ مەزگىللەردە ئوسمانلى زېمىنىغا يېقىن جۇغراپىيىدىن باشلاپ تا شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان زېمىنلار بىلەن ئالاقە قۇرغان. مەسىلەن، 1915-1916-يىللىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدىمۇ زىيا گوكالپ بىلەن گېنېرال تالات پاشا شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىللىكىنى ھەس قىلىپ تۈرك ئوچاقلارى ئارقىلىق قەشقەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ مەكتەپ ئاچقان ئىكەن. مەن بۇ مىسال ئارقىلىق شۇنى دىمەكچىمەنكى، تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى پەقەتلا تۈركىيىدىلا ئەمەس، پۇتۇن تۈرك دۇنياسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاتتۇر. بىزنىڭ مەقسىتىمىز، يەرشارىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە تۈرك كىملىكىنى، تۈرك مەدەنىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش ئۈچۈن پۇتۇن تۈرك دۇنياسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ياشلارغا ئۆزىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئەمەلگە ئاشسا خەلقىمىز دېموكراتىك، ئەركىن بىر سەكىلدە ياشىيالايدۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئەركىنلىكىگە، ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. ھازىر بۇ ھوقۇقتىن پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلا مەھرۇم قالدى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەت تۈرك ئالىمىنىڭ ئەمەس، بەلكى پۇتۇن دۇنيانىڭ كۆڭۈل بولىشىغا تېگىشلىك مەسىلە.
سىز خىتايلارنىڭ تۈركىيىگە بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىماستىن 1998-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە چاقىرىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردىڭىز. كېيىنكى يىللاردا شۇكران كۈنى ئۈچۈنمۇ زالىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردىڭىز. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ياردىمىڭىز بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلامدۇ؟
تۈركىيىدە ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىزدىن ياردەم سورىغاندا ياردەم قولىمىزنى سۇنىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئۇ ۋاقىتتا كېرەكلىك شەرت شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن ئىدۇق. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر چىققاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى خىتاي ئەلچىسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۇپ، دۆلەتلىك ئورۇنلارغا ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ھەتتا ئاخبارات ۋاستىلىرىغىچە بېرىپ بۇ يىغىن ئېچىلغان تەقدىردە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ يىغىننى توسۇشقا تىرىشتى. خىتاينىڭ بۇ بېسىمىدىن كېيىن ھۆكۈمەت بىراز ئەنسىرىدى ۋە يىغىننى ئاچماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئەمما بىز بۇ يىغىننىڭ ئىنسانلىق ئالىمى ئۈچۈن ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن چاقىرىلىشى كېرەك بولغان بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى دىدۇق ۋە يىغىننى ئاچتۇق. ئەسلىدە يىغىندا ئېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى ياسالغان ئىدى. ئەمما خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئېغىر بېسىمى بىلەن ساقچىلار ئارىغا كىرىپ يىغىندا بايراقنى ئاسقىلى قويمىدى. گەرچە يىغىندا بايراق ئاسالمىغان بولساقمۇ يىغىندىكى مىڭلارچە كىشىنىڭ يۈرىكى بىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سوقتى. بۇنىڭ باشتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئوسمان باتۇر بولۇش بىلەن بىرلىكتە بۇ يولدا شېھىت بولغان بارلىق قەھرىمانلارنىڭ روھىنى شاتلاندۇرغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۈگۈن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ئەنقەرەدە راھەتتە ياشاۋاتقان بىزلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان ياردىمىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايمىز. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمگە داۋام قىلىمىز.
رفا: سىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئۆمۈر بويى ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشىسىز. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا قانداق تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟
ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئامېرىكىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر تۈركلىرى جەمئىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنلارغا ئىگە بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر چەتئەللەردە ئاكتىپ بىر ھالغا كەلدى. مۇھىم بولغىنى چەتئەلدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالىشىدۇر. بۇنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىتتىپاقلىق ناھايىتى مۇھىم. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، پۇتۇن تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زۆرۈر. ئىتتىپاقلىق مەسىلىسىنى دەرھاللا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك. ئەمما بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ مەسىلىنى قانداق تونۇتۇش. ھازىر مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى دۇنيادىكى دېموكراتىك، مەدىنى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندى. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا چوڭ تەشكىلاتلارغا سىستېمىلىق ھالدا سۇنۇش ئارقىلىق ئاۋازلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتالايدۇ ھەم دۇنيا كۇن تەرتىپىگە ئەپچىقالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمنىڭ ئازىيىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا باشتا بولۇش بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتلارغا قارىتا جىددى خىزمەت ئىشلىشى كېرەكلىكىنى دېمەكچىمەن. چەتئەل تىلى يانى ئىنگلىزچە، فرانسۇزچىگە ئوخشاش دۇنياۋى تىللارنى ياخشى بىلىشى، ئۇ تىل ئارقىلىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇ داۋانى قىلغاندا ھەرگىزمۇ زېرىكمەسلىك كېرەك. زېرىكمىگەن، تېرىكمىگەندىلا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس. پۇتۇن دۇنيا خەلقى ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارغا قىزىققان تۈركولوگىيە ھەۋەسكارى لوقمان باران بىلەن سۆھبەت
- تۈركىيە مىللەت پارتىسى باشلىقى ئايقۇت ئەدىبالى ئەپەندى بىلەن ئۇيگۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت
- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات قارايالچىن بىلەن سۆھبەت
- تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "ساباھ" گېزىتىدە 3 كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى
- تۈركىيىنىڭ ئاۋازى رادىئوسىئۇيغۇر دىيارىغا رادىئو ئاڭلىتىشى بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتا
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى توكات تۈركمەن فېستىۋالغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن دىپلوما ئالدى