خىتاي ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۆمۈرى بارغانسېرى قىسقارماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ- زىيالىلارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ھەققىدەئېلان قىلغان دوكىلاتىدىن شۇنى بىلگىلى بولىدىكى:خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن جامائەت ساغلاملىقى ياخشى بولۇش بىر ياقتا تۇرسۇن،بەلكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۈنسېرى تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

خىتايدىكى زىيالىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

مەزكۈر دوكىلاتتا خىتايدا زىيالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە: " ئۇلار ساقلىقنى ساقلاشتا ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۇرىۋالغان ۋە ھەركەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك بېسىملار كۈنسېرى كۈچەيگەن” دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ياشانغانلار ساقلىقنى ساقلاش تەتقىقات گۇرۇپپىسى باشلىقى ياڭ شىاۋزﯤ " خىتايدا ھازىر جامائەت ساغلاملىقىغا ئائىت مەسىلىلەربارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا، بۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ناچار بولىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھۈكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىدىن، شۇنداقلا ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى خىراجەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بولىۋاتقانلىقىدىن" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتايدىكى زىيالىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئورتا ھېساب بىلەن 58 ياشتىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقاقاتلامدىكىلەردىن 14 يىل كەم ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيالىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرىلىشىچە: ھازىرئۇيغۇر رايونىدىكى زىيالىلار ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا يېشى ئاتمىشقا بارمايلا مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىش ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كىسەللەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بەكمۇ ئومۇمىلاشقان ئىكەن.

ئۈرۈمچى دوسلۇق دوختۇرخانىسىدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر خىتاي دوختۇر: " ھازىر بۇ يەردىكى زىيالىلارنىڭ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆمرىنىڭ بارغانسېرى قىسقىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىساق بولىدۇ، چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يەرنىڭ مۇھىت ئەھۋالى بەكمۇ ناچارلىشىپ كەتتى ،بۇنىڭدىن باشقا روھى بېسىممۇ كۈچىيىپ كەتتى" دەپ بىلدۈردى. ".

ۋەتەندە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىسى ئاگاھى ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيالىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولىشىدىكى سەۋەپلەر ھەققىدە توختۇلۇپ، مۇنداق دىدى: