ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيئوغلى بىلەن سۆھبەت
2007.08.02
ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيئوغلى ئىستانبۇلغا كەلدى. 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 20-ئەسىردە خىتايغا قارشى بۈيۈك مۇجادىلە ئېلىپ بارغان مىللىي قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاندىن كەلگەن ئۆركەن نەبىيئوغلى بىلەن ئۇنىڭ بوۋىسى ئوسمان باتۇر ۋە ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئوسمان باتۇر 1941-يىلىدىن 1951-يىلى 2-ئايدا كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايلارغا قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان مىللىي قەھرىمانلاردىن بىرىدۇر. ئوسمان باتۇر 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئوسمان باتۇرنىڭ ئۇكىسى دېلىخان ئىسلام ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوسمان باتۇرنىڭ ئىككىنچى ئايالى، 3 ئوغلى ۋە 5 قىزىمۇ ئەسىرگە ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ 18 ياشتىكى قىزى كابىيرا بىلەن 14 ياشتىكى ئوغلى بايبوللا بولسا ئاپىسى مامەينىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا توغراپ ئۆلتۈرۈلگەن، 11 ياشتىكى ئوغلى كارىي ۋە 9 ياشتىكى قىزى ساپىيان 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇققا تاشلانغان ئىدى. بالىلىرىغا قىلىنغان بۇ زۇلۇم ۋە تەن جازالىرىنى كۆرگەن ئانىسى مامەي خاتۇن بۇ دەرتكە چىدىيالماي ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
ئوسمان باتۇرنىڭ شەردىمان، نىمەتۇللاھ ۋە نەبىي ئىسىملىك ئوغۇللىرى دادىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋام قىلغان بولۇپ، بۈگۈن ئوسمان باتۇرنىڭ نەبىي ئىسىملىك ئوغلىنىڭ بالىسى بولغان ئۆركەن قازاقىستاندا ئوسمان باتۇر ۋەخپىسىنى قۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن . ئۇ بىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە ئوسمان باتۇرنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى قازاقلاردىن باشقا پۈتۈن دۇنيادىكى قازاقلارغا ئوسمان باتۇرنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى مەڭگۈ ياشىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا تېخىچە ئوسمان باتۇرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ چەكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئوسمان باتۇر ھەققىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشنى خالىسىڭىز ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.
RFA: ھۆرمەتلىك ئۆركەن نەبىيئوغلى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟
ئۆركەن نەبىيئوغلى: مېنىڭ ئىسمىم ئۆركەن نەبىيئوغلى، 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم. 1993-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە قازاق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىردىم. ھازىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3-سىنىپىدا ئوقۇۋاتىمەن. 2006-يىلى 3-ئايدا يەنى نورۇز بايرىمىدا قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتتۈم. 2006-يىلى 12-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئوسمان باتۇر ۋەخپىنى قۇردۇم.
RFA: تۈركىيىدە ئوسمان باتۇر ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلار ۋە ماقالىلەر چىقتى، سىز ئوسمان باتۇر ۋەخپىنىمۇ قۇرۇپسىز؟ ۋەخپىڭىزنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
ئۆركەن نەبىيئوغلى: قازاقىستاندا ئوسمان باتۇر ۋەخپى قۇرۇلغاندىن بېرى، قازاقىستاندىكى رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەر ئارقىلىق ئوسمان باتۇرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. 2007-يىلى 2-ئايدا ئالماتادا ئوسمان باتۇرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئانى كېرىم ئوقۇتتۇق. يەنە 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئوسمان باتۇرغا ئاتاپ تۈرك دۇنياسى ياشلىرى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك دۇنياسىدىكى ياشلارغا ئوسمان باتۇرنى تونۇتۇشقا تىرىشتۇق. بۇندىن باشقا يەنە 2007-يىلى 5-ئايدا ئوسمان باتۇر ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇردۇق. بۇ كىتابتا ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى كۆپ ماقالىگە يەر بەردۇق.
RFA: تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوسمان باتۇرنى تۈرك جامائىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. سىز ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئوسمان باتۇر ئۈچۈن بۇ خەلقتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز نېمە؟
ئۆركەن نەبىيئوغلى: ياۋرۇپا، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيىدىكى قازاقلار ئوسمان باتۇرنى خاتىرىلەش ۋە تونۇتۇش ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلار ئوسمان باتۇرنى تىلغا ئالالمايدۇ. چۈنكى خىتايدا زۇلۇم ۋە بېسىم بار، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەركىن سۆزلەش ھەققى يوق. بۇلاردىن باشقا تۈركىيە ۋە قازاقىستان ئوسمان باتۇر ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئوسمان باتۇر ۋەخپى يېڭى قۇرۇلدى. پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەخپىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 20-ئەسىردە خىتايغا قارشى كۈرەش قىلغان ئەڭ بۈيۈك قەھرىمان ئوسمان باتۇر ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆكتىچىلەر قازاقىستان ساقچى دائىرلىرىنى خىتاينىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- قازاقىستان جامائەتچىلىكى ئوسمان ئىسلامنى "قەھرىمان " دەپ خاتىرىلىدى (1)
- قازاقىستاندا 31 - ماي خاتىرىلەش كۈنى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى
- قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە
- قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
- ئىستانبۇلدا: `شەرقىي تۇركىستان ۋە قازاقىستان` تېمىسىدا يىغىن
- ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنىڭ 55 - يىللىقى خاتىرىلەندى
- 3-نۆۋەتلىك دۇنيا قازاقلىرى قۇرۇلتىيى رەسمى باشلاندى
- تۈركىيىدە ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- "دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى باغلاش" قا بارغان ۋەكىلنىڭ تەسىراتلىرى