مەخمۇت ئەپەندىنىڭ سىياسىي پانالىقى قوبۇل قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل سىياسىي بېسىملىرىغا نارازى بولۇپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە باش ئۇرۇپ، سىياسىي پانالىق تىلىمەكتە.

يېقىندا كاناداغا كېلىپ ماكانلاشقان تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى مەخمۇت ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ 2002-يىلى ب د ت نىڭ بېشكەكتىكى مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە كېلىپ، سىياسىي پانالىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، يېقىندا كانادا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن مەخمۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.