كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى ھەققىدە ھۈسەن ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان "پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەن سىياسىي ھەرىكەتتە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلاردىن پارتىيىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنىش ئىلتىماسىنى رەت قىلماقتا. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر پارتىيىدىن چېكىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرگە قارىتا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتمەكتە.

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان ئادەم سانى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 681120 گە يەتكەن.

خىتايدا پەيدا بولغان كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش مەسىلىسى ھەققىدە، ھازىر ئاۋسترالىيى دە تۇرىۋاتقان سىياسى مۇلاھىزىچى ھۈسەن ئەپەندى مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويدى.