ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى بولۇپمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەجبۇرى ھالدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە.

يېقىندا قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاش سەۋەبىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ،قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ۋاقىتسىز قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى .