تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى


2005.05.27

تۈركىيىدە نەشر قىلىنىدىغان "رادىكال" گېزىتىنىڭ 22-مايدىكى سانىدا، تۈرك ئوبزورچىسى ئاۋنى ئۆزگۈرئەلنىڭ "تۈركىستاندا ئىشغال ۋە ئىسيان" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ئۆزگۈرئەل ئەپەندى ماقالىسىدا تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى مۇستەقىل دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ غەربدىكى چېگرىسىنىڭ سەددىچىن سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئوبزورچى ئاۋنى ئۆزگۈرئەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.