تۈركىيىدە "قاراخانىيلار" ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورنى زىيارەت(1)


2006.10.18
qaraxaniyler tarihi.jpg
"قاراخانىيلار" نىڭ تېشى

ئازەربايجانلىق تارىخچى ئەكبەر نەجەف يازغان "قاراخانىيلار" ناملىق كىتاپ ئىستانبۇل سەلەنگە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. كىتاپ 422 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى 200 يىللىق تارىخى شەرىھلەنگەن. كىتاپ كىرىش سوز قىسمىدىن باشقا يەنە 5 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىسمى ۋە يىلتىزى، بۇيۇك قاراخانىيلار دۆلىتى، بۇيۇك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ غەربى قىسمى، بۇيۇك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شىمالدىكى قوشنىلىرى قاتارلىق بۆلۈملەردىن ئىبارەت.

تارىخچى ئەكبەر نەجەف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يازغاندىن باشقا، قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت قوليازمىلارغا ئاساسلىنىپ يازغانلىقىنى، 840-يىلىدىن 1042-يىلىغىچە بولغان مەزگىلنىڭ تارىخىنى ئايدىڭلىتىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى مەنبە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز قاراخانىيلار كىتابىنىڭ ئاپتورى ئەكبەر نەجەپ ئەپەندى بىلەن بۇ كىتاپ ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەكبەر نەجەپ ئەپەندى، كىتابىڭىزنى تونۇتۇشتىن بۇرۇن ھازىرغىچە يازغان ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

8 يىلدىن بەرى مەن ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئەسەر قاراخانىيلار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا تۈركمەنىستان تارىخى ھەققىدە بىر كىتابىم بار. يەنە تەرجىمە ئەسەرلىرىم بار. بۇلارنىڭ كوپى ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تارىخىغا ئائىت. مېنىڭ يەنە ئازەربايجان ۋە ئىران ھەققىدىمۇ تەرجىمە ئەسەرلىرىم بار.

سىز بىر ئازەربايجانلىق يازغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قاراخانىيلار ھەققىدە كىتاپ يېزىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟

تۈرك ئىسلام تارىخىدا ئۇزۇن ئۆمۈرگە ئىگە بولغان ئىككى دۆلەت بولغان. بۇنىڭ بىرىنجىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بولۇپ 600 يىل ھۆكۇم سۈرگەن. ئىككىنجىسى بولسا قاراخانىيلار دۆلىتى بولۇپ 400 نەققە يىل ھوكۇم سۈرگەن. ئوسمانلى تارىخى ھەققىدە نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، قاراخانىيلار تارىخى ھەققىدە ئۇنچە كوپ ئەسەر يېزىلمىغان. مەن ئۇنىۋېرسىتېت يىللىرىمدىن تارتىپ تارىخقا قىزىققاچقا قاراخانىيلار دۆلىتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ كىتابنى يازدىم.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى كىم؟ قاراخانىيلار ئىسمى نەدىن كەلگەن؟

ئوچۇقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىختا قاراخانىيلار دۆلىتى دەيدىغان بىر دۆلەت يوق. قاراخانىيلار دېگەن ئىسىم 1870-يىللاردا گىرگوۋيا ئىسىملىك بىر رۇس تارىخچىسى قاراخانىيلار دەۋرىگە ئائىت ماتېرىياللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقاندا ئوسمانلى تارىخچىسى مۇنەججىم باقىنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى قاراخانى دەپ يازغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىنى قاراخانىيلار دۆلىتى دەپ يېزىشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە تارىختا بىز بىلىدىغان قاراخانىيلار دۆلىتى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان خاقانىيە دۆلىتىدۇر. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى 840-يىلى يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. قاراخانىيلار دۆلىتى 840-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەرەپ ۋە فارس تارىخچىلىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنى قارلۇقلارنىڭ قۇرغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى قارلۇقلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار، كارا ياغمىلار، تۈرگىشلەر، ئونوكلار، ئوغۇزلار، پەچەنەكلەردۇر. مانا بۇلار ھەممىسى قاراخانىيلار ئىسمى ئاستىدا توپلانغان. بۇگۈنكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى يازغاندا ئۇيغۇر سۆزىنى كوپ تەكىتلەيدۇ. ئەمما بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. چۈنكى، 840-يىلىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەرەپ تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. ھەتتا موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئاناتولىيە يەنى بۇگۈنكى تۈركىيە زېمىنىگىچە كەلگەن. ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە قايتىدىن كۈچلەنگەن.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئومۇمى تۈرك تارىخىدىكى ئورنى نىمە سىزچە؟

تۈرك تارىخى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇتۇن تارىخھچىلار قاراخانىيلار تارىخىنى تۈرك تارىخىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى دەپ قارايدۇ. قاراخانىيلار مەزگىلىدىن سەلچۇكلۇ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىغىچە بولغان دۆلەت تۈزۈملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ھەممىسىنىڭ ئاساسىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت تۈزۈمىنى كۆرىۋالالايمىز. قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلىق بىلەن تۈرك ئەنئەنىسى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. سەلچۇكلۇ بىلەن ئوسمانلىنىڭ دىن ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەكلى تا قاراخانىيلار دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئىدى. قاراخانىيلار دۆلىتى مەدەنىيەت غەزىسىنى مىراس قالدۇرغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە تۈركچە يەنى خاقانىيە تىلى رەسمىي دۆلەت تىلى بولۇپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، "تۈركىي تىللار دىۋانى"، "قوتادغۇبىلىك"، "ئەتەبەتۇل ھاقايىق" قا ئوخشاش ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇ، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مەدىنى ۋە ئىدارى جەھەتتىن يۈكسەك ئاڭ سەۋىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.