ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىبىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار، بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ گۇئاڭجۇدا ئېتىپ ئۆلتۈرىلىشىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىۋىدىكى يېرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ياۋرو- ئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھازىر مەن كۈچلۈك دەپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بىلەن بىر كۈن ئەمەس بىر كۈنى بۇنىڭ ھېسابىنىڭ سورۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاينىڭ بۇ خىل قاتتىق قوللۇق سىياسىتى داۋام قىلىدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.