9-ئاينىڭ 28-كۈنى قازاقىستاندىكى ئاتاسۇدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە بولغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى رەسمى باشلاندى. مەزكۇر مۇساپىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 970 كىلومېتېر بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 7 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنىدىكەن.
قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى شىكەلنىك بىلەن دۆلەتلىك تەبىي گاز ۋە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باشلىقى قارابارىن ، خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە باشقىلار ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ لېنتا كەسكەن. 2005-يىلىدىن ئېتىبارەن مەزكۇر تۇرۇبا ئارقىلىق ھەر يىلى 10 مىليون توننا قازاقىستان نېفىتىنىڭ خىتايغا تارتىلىدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ لىنىيە خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا مەيدانغا كېلىدىغان 3000 كىلومېترلىق ئومۇمىي نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ دەسلەپكى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفەسسورى، ئىقتىسادىي-جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتورى شېرىپجان نادىروۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.