قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى

0:00 / 0:00

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 24-25- سېنتەبىر كۈنلىرى قازاقىستان پرىزدېنتى نازاربايېۋ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولماقچى. ئۇ، مەزكۇر سەپىرىدە قورغاس، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بولماقچى.

نازاربايېۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى نېفىت، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇدىن ،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە بولغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى 29- سېنتەبىر كۈنى رەسمى ئىش باشلىماقچى.

نازاربايېۋنىڭ بۇ زىيارىتى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى پروفېسسور شېرىپجان نادىروپ، قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزېيىنىڭ باشلىقى، قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرغان سابىق ئەلچىسى مۇرات ئەۋىزوپ قاتارلىقلار مەخسۇس توختالدى.