قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى رامازان دىرىلدايېۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت(1)


2005-11-21
Share
رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. RFA

قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى جۈمە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار مەسىلىلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە توختالدى.

رامازان دىرىلدايېۋ ئەپەندى قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مەخسۇس كومىسسىيە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئاقايېۋ تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىغان. ئۇ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن سابىق پرېزىدېنت ئاقايېۋنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ئادەم ئىكەنلىكىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆز دۆلىتىدە تۇرالماي، ئاۋستىرىيىگە كېتىپ، بەش يىل شۇ يەردە ياشىغان. بۇ يىل 24-ماريتىكى ئىنقىلابتا قايتىپ كېلىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

رامىزان ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزارا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ رامىزان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت