قىرغىزىستاننىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرى رەھبىرى قىرغىزىستاندىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالدى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى قىياس مولداقاسىموپ ئەپەندى رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئەسقەر ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.
قىياس مولدا قاسىموپ ئەپەندى ئەسلىدە ئازادلىق رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى شۆبىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ، قۇرمانبېك باقىيېۋ قاتارلىق دېموكراتلار غەلىبە قىلىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغاندا قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە باش شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
قىياس مولداقاسىموپ ئەپەندى تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتۇرى بولۇپ، تونۇلغان جۇرنالىست ۋە تارىخچى. ئۇ، ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە ئازادلىق رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئىشلىرىغا شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندىكى سۆز ھەم مەتبۇئات ئەركىنلىكى جۈملىدىن دېموكراتىيىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئەربابتۇر.