خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە قەشقەرنىڭ توققۇزاقتىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتكەن


2007.07.23

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لېنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە قەشقەرنىڭ توققۇزاقتىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتكەن. كىمكى قىزىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىشكە رازى بولمىسا، ئالدى بىلەن دېھقانلارغا ئۆي سېلىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان 14 مىڭ دانە خىش ئۇنىڭغا بېرىلمەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا شەكىلدىكى جازالارغا ئۇچرايدىكەن. ئىچكىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرى بولسا قاتتىق نەزەربەنت ئاستىدا تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ ئۇدۇل بېرىپ يوقلاپ -كۆرۈشۈپ كېلەلمەيدىكەن. ئەگەر ئۇلار ئەركىن تېلېفون قىلىپ ئۆز ئەھۋالىنى سرتقا ئېيتسا، ھەرخىل جەرىمانىگە ئۇچرايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاممىۋىي تېلېفونخانىلاردىن سرتقا تېلېفون قىلىشىمۇ ناھايىتى قېيىن بولۇپ قالغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ ئۇ كىشى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.