ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟


2006.02.24

خىتاي دائىرلىرى 90 يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش نامى بىلەن، ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى. ھازىر بۇ سىياسەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەتتا يەسلىلەرگىچە جىددى كەڭەيتىلمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى يەنە بۇ سىياسەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ساخاۋەتلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلماقتا. يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن بۇ سىياسەتنى ئازسانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتۇرىدىغان 100 يىللىق ستراتېگىيىلىك پلان دەپ ئاتىدى.

چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى، دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. ھەمدە بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنىڭ تىزلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.. بۇ سىياسەت قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز كەسپىدىن يىراقلاشتۇرۇش پىلانىدا ئوينىغان رولى ۋە خىزمەتتىن بوشىتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.