ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلى ئەزەلدىن بۇيان غەرب ۋە شەرقنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۆتكىلى سۈپىتىدە، ئوخشىمىغان دىن، مەدەنىيەت ۋە تىللارنىڭ ئۆزلۈكسىز تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئەشۇ ئۇزۇن مەزگىللىك غىدىقلىنىش جەريانى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە ھەر قايسى تارىخىي شارائىتلاردا ياشىغان ئالىم-ئۆلىمالار بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ئۆزىگە يارىشا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي خاسلىقى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ تىل-ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇۋازىنىتىنى قوغداپ ۋە تەڭشەپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئورنىنى يوقاتماي كەلگەن
مەسىلەن، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدا بىر مەزگىل ئەرەپ-پارىس تىللىرىنى قوللىنىش ياكى ئىپادىلەش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئەرەپ-پارىس تىللىرىدىن سۆز-كەلىمە قوبۇل قىلىدىغان خاھىش بەكمۇ ئېغىرلاشقان.
ھەتتا يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئەرەپ-پارىس تىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش خاھىشى پۈتكۈل تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان. ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك شائىرى ئەلىشىر ناۋايى بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ "مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين" (قوش تىل تەتقىقاتى) ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنى يازغان. بۇ ھەقتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزلۇق ئالىمى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى مۇنداق يازىدۇ: "مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين" دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر تۈرك تىلىنىڭ شۇ دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋاتقان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوقلۇقىنى، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى".
خىتاي دائىرىلىرى "قوش تىل" مائارىپى ئۈچۈن سېلىنمىنى كۆپەيتمەكتە
لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ھېچقانداق روھىي يېقىنچىلىقى بولمىغان خىتاي تىلىنى "قوش تىل" مائارىپى دېگەن سۈپەت بىلەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش قەدىمىنى ئالدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي "قوش تىل" مائارىپى سىئېلىنمىسىنى يەنە نەچچە ھەسسە كۆپەيتكەن. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 15 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەنە 13 مىڭ 500 نەپەر "قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار" نى تەربىيىلەشكە 200 نەچچە مىليون يۈئەن ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 150 مىليوننى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە ئاجراتقان بولۇپ، باشقا 60 مىليوننى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاجراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا دېھقانلار ئارىسىدا كېڭەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق مەبلەغ ئاجراتماقتا. تەڭرىتاغ تورىدا 20 - مارت بېرىلگەن خەۋەردە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە، يېزا ياشلىرىنى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش سىناق نۇقتىسى سىنىپىدا دەرس باشلانغان. بۇ خىتاينىڭ "يېزا ياشلىرىدىن 10 مىڭنى قوش تىل بويىچە تەربىيىلەش" پىلانىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنخۇا تورىدا 9- ئاپرىل بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەشقەر ۋىلايىتى ھەر يىلى 30 مىليون يۈ|ئەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت دېھقانلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىشكە باشلىغان.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلى
ئۇيغۇر تىلى 21 - ئەسىردە يولۇقۇۋاتقان تەھدىت ئەلۋەتتە 500 يىل ئاۋالقى تىل كرىزىسقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئۇ زامانلاردا ئالىم-ئۆلىمالار سىياسىي ۋە باشقا بېسىملار تۈپەيلى ئەرەپ-پارىس تىللىرىدا ئىجادىيەت ۋە خەت ئالاقە قىلغان بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا شەرق ئىلىم دۇنياسى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش، دىنىي ۋە ياكى باشقا خاھىشلار تۈپەيلى ئەرەپ-پارىس تىلىنى قوللىنىشقا مايىل بىر مۇھىتتا ياشىغان بولغاچقا، ئەرەپ-پارىس تىللىرىنى تەبىئىي بىر رەۋىشتە قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋام خەلقنىڭ تىلى يەنىلا تۈركىي تىلى سۈپىتىدە ساقلانغان ۋە مۇناسىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن.
ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ دەۋىرىمىزگە كەلگەندە ، ئانا تىلىمىز سىياسىي غەرەزنى يانتاياق ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلغان بىر غەيرى تىل-مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا . زامانىمىزدا ناۋايى كەبى تىرەن پىكىرلىك ئالىم- ئۆلىمالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىگە ئىنكاس قايتۇرغانلىرى "سىياسىي ئىدىيىسىدە مەسىلە بار ئادەم" دەپ قارىلىپ ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقماقتا.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا، ئەگەر مۇشۇ پىتى كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئاۋام خەلقنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل" مائارىپى ئىستراتېگىيسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى توسۇپ قىلىش ياكى سىياسىي جەھەتتىن چەكلەشكە قۇربى يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇرلار مىللىي تىل-ئەدەبىياتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەن تېمىلاردا غۇلغۇلا ۋە مۇھاكىمىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. (جۈمە)