0:00 / 0:00
ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش-تىل" مائارىپى سىياسىتى ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىغا مىسلىسىز سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ تارىخى شارائىتتا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوغداش ۋە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ۋە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش-تىل" مائارىپى سىياسىتى ئېلىپ كېلىدىغان سىياسى ئاقىۋەتلەر ھەققىدە ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ياش يازغۇچى كۆرەش ئاتاخان ۋە ھازىر ۋەتەندە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش ئەدىب قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.