تارىخشۇناس ئىكلىل قۇربان بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

بالىلىق چاغلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە ئۆتكەن، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىكلىل قۇربان 1935 – يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئون ئىككى يىل خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان.

ئىكلىل قۇربان ئەپەندى 1980- يىلى تۈركىيىگە كېلىپ، سەلجۇق ئۇنۋېرسىتېتىدە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى" ناملىق كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تارىخشۇناس ئىكلىل قۇرباننى زىيارەت قىلدى.