رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى


2007.10.25

Rabiye-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم. UAA Photo

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، ھامبۇرگ، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

رابىيە قادىر خانىم، گېرمانىيىنىڭ سىياسەت، مەدەنىيەت، نەشىرىيات ۋە ئىنسان ھوقۇقى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە گېرمانىيە ۋە پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى خاراكتېرلىق مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.