رابىيە قادىر خانىم، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىسى ۋە خەۋەر ھەپتىلىكى ژۇرنىلىدا بەرگەن سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى


2008.04.03

23 - ۋە 24 - مارت خوتەندە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر نامايىشنى باستۇرۇشىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار رادىئومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر نامايىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلى بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يېقىندىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك چەكلەش ھەرىكىتى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ئاستىدىكى ھاياتىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر خەلقئارادىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان ئىدى

خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن ئون نەچچە كۈنى ئىلگىرى يەنى 10 - مارت تىبەتتە ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گەنسۇ، چىڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق رايونلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قانلىق باستۇرغان ۋە تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 140 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرگەن ئىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ 1 - ئاپرېلدىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى جەريانىدا بالا - چاقىلىرىدىن ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ئۇرۇق - تۇغقان ۋە ئاتا - ئانىلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، 2 - ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرنال خەۋەر ھەپتىلىكى ( Newsweek) تىبەت نامايىشى ۋە 23 - 24 - مارت كۈنلىرى خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

رابىيە قادىر خانىم: " ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قايتا ئەسكەرتىشنى بۇرچۇم دەپ بىلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى ئېلان قىلدىم"

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلغان "بۇ ئەركىنلىك مەشئىلى ئەمەس" ناملىق ماقالىنىڭ مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ئېلان قىلىنىشى ھەققىدە توختالدى ۋە دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى، ھەمدە تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل شەكىلدە، ئەقەللىيسى بېشىغا ياغلىق ئارتتىڭ دېگەن نام بىلەنمۇ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىلىپ قالغان ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قايتا ئەسكەرتىشنى بۇرچى دەپ بىلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم:" خىتاي تەرەپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشى كېرەك"

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىن چىقىدىغان خەۋەر ھەپتىلىكى ژۇرنىلىدا مەزكۇر ژۇرنال مۇخبىرى مەري ھەننوكنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىم، ئۇيغۇر - تىبەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى تولۇق تېكىستى بىلەن بېرىلدى.

سۆھبەتتە رابىيە خانىم ئۇيغۇر تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە توختالغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ماقۇل كۆرۈپ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان ئۈستەلگە كېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن ھازىر تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكنى كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم:" دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا، خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا كىملەرنىڭ ۋەكىل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالىي ئورگان ئىكەنلىكنى شۇڭا سۆھبەتلەرنى مەزكۇر تەشكىلاتنى چۆرىدىگەن ئاساستا سايلاپ چىقىلغان ۋەكىللەر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.