0:00 / 0:00
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى كىشىلەرگە تاسادىپىيلىق تۇيۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئانالىزچىلار رابىيە قادىرنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىجابىي ھەرىكەت، دەپ باھالىماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ نوبىل مۇكپاتىغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى، دەپ باھالاپ، ئۇنى نامزاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك شەخس، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن بۇ مەسىلە توغرىسىدا شائىر ۋە سىياسىي ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.