ئۇيغۇرلاردا روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئىشتىياقى

0:00 / 0:00

خرىستىئان دىنىدا ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەيسانىڭ، يەنى خرىستىئان خۇداسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان چوڭ دىنىي بايرىمى بولغان روژدېستۋو بايرىمى نۆۋەتتە نوقۇل خرىستىئان دىنىي بايرامدىن خەلقئارالىق بىر بايرامغا ئايلاندى .

خىتايدا روژدېستۋو بايرىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ناھايىتى تېز ئومۇملاشقان . جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ بۇنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا روژدېستۋو بايرىمى يېقىنلىشىشى بىلەن ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلىرى مېھمانخا ، نىلار باغچىلاردا ھەمدە رېستۇران ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا روژدېستۋوقا جىددى تەييارلىق كۆرۈپ بېزىلىپ ، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانچە ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىنىڭمۇ روژدېستۋو ئاخشىمى پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن .

ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىرىستىئان دىنىي بايرىمىغا ئەھمىيەت بېرىشى پەقەتلا مودا قوغلىشىشمۇ؟

ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىمۇ روژدېستۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ ، گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ بايرامنى دىنىي بايرام سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى خەلقئارالىق بىر خوشاللىق بايرىمى سۈپىتىدە ۋە بەزىلىرى پەقەتلا مودا قوغلىشىپ ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىمۇ ، بۇ خىل يېڭىلىق ئۇيغۇرلاردا غەيرىلىك ھىس قىلدۇرماقتا ئىكەن .

ئۇيغۇر ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ روژدېستۋو بايرىمىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلدۇق ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ روژدېستۋو ئۆتكۈزۈشكە بارغانچە قىزىۋاتقانلىقىنى ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەتراپتىكى شارائىتنىڭ تەسىرى بىلەن مودا قوغلىشىش بىلەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ، بەزىلىرىنىڭ بولسا بۇ دىنغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .

خرىستىئان دىنىي بايرىمىغا بولغان ئىشتىياق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىننىي كىملىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقارا چوڭ بازىرىنىڭ خادىملىرى ، بازار ئالدىغا قويۇلغان ئېشەككە مىنىۋالغان ، قولىدا راۋاپ تۇتقان نەسىردىن ئەپەندىم ھەيكىلىنىمۇ بىر ھەپتە سەرپ قىلىپ روژدېستۋو بوۋاي سانتا كىروس قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ قويغان بولۇپ ، قار بوۋاي سانتا كىروسچە ياسالغان راۋاپ تۇتقان نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەجۋى ھالىتى يولدىن ئۆتكۈچىلەردە تۈرلۈك پىكىرلەرنى قوزغاۋاتقان ئىكەن .

دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر بوۋاي ، نەسىردىن ئەپەندىم ھەيكىلىنى دەسلەپ بازاردا كۆرگىنىدە ، بېشىغا سەللە يۆگىگەن ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە بۇ بازارغا قويۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان بولسىمۇ ، ئەمدى ئۇنىڭ روژدېستۋو بوۋاي سانتا كىروسنىڭ قىزىل كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قويۇلغان ھەجۋى ھالىتىنى كۆرگىنىدە راھەتسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇنىڭ سۆزىچە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى دىنىي ئۆرۈپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدىكەن .

ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىدە پەيدا بولىۋاتقان خىرىستىئان دىننىي بايرىمى بولغان روژدېستۋو بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقا ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى قانداق قارايدۇ ، بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېركىدا ياشاۋاتقىنىغا يىگىرمە يىلگە يېقىنلاشقان تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق .

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ