رۇسىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنت ئەزاسى دۇگىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

رۇسىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنت ئەزاسى، دۇما غا قاراشلىق گېئو-ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر دۇگىن ئەپەندى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋرو- ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.