
گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلار بۇلۇپمۇ بۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى كۆڭۈل بۆلۈپ، يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر مەسىلسىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمىنى ھەم ئۆزى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلاپ، ھەم ئۇلارنى قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ تۇرۇشى، ئامېرىكا ۋە دۇنيادا گۇەنتانامو تۈرمىسى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇلاردىن ئادىل ئابدۇلھىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۆپ چىققان ئامېرىكا فىدرال سوتچىسى رابىرتسون، ئۇلارنىڭ گۇناھىژ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، لېكىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ ئادۋۇكاتلىرى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ۋە ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنغان. ئالىي سوت يېقىندا ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سوتى 8- ماي كۈنى ئوتتۇرا سوتتا كۆرۈلىدۇ.
گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى ئۈز ئۈستىگە ئالغان Sabin Willett ئەپەندى يېقىندا گۇەنتاناموغا بېرىپ، مەزكۇر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدى. گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇلار كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ ئادۋۇكات Sabin Willett بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى.
قانات: ھۆرمەتلىك سابىن ۋەلىت ئەپەندىم، سىز يېقىندا گۇەنتاناموغا بېرىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئادىل ئابدۇلھىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم ھەمدە سادىق ئەخمەت تۇركىستانى بىلەن كۆرۈشتىڭىز. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرئاز مەلۇمات بېرەمىسىز؟ ئۇلار كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزىدىكەن؟
Sabin Willett ئەپەندى : بىزگە گۇەنتانامو ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىشىمىز ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلگەن . شۇڭا مەن بىزنىڭ ئاشكارىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنغان مەلۇماتلارنى سىز گە سۆزلەپ بېرەلەيمەن. بۇ مەلۇماتلار بىز قانۇنىي جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئادىل، ئابابەكرى ۋە سادىقنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇەنتانامودىكى ئىگۇئانا لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە بىز ئادىل ئابابەكرى ۋە سادىق بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىگۇئانا لاگىرىدا كۆچەت تېكىپ، كۆكتات تېرىپ، باغۋەنچىلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇ يەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى مەتبۇئاتتىمۇ ئېلان قىلدىم. بىز خىلى ئۇزۇندىن بېرى ئارمىيىدىن ئادىل ، ئابابەكرى ۋە سادىقغا باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن كەتمەن ۋە كۈرەك بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتىمىز. لېكىن ئارمىيە دائىرىلىرى بىزنىڭ بۇ تەلىبىمىزنى رەت قىلماقتا. ئەمما 14- ئاپرىل كۈنى ئۇلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار كۈرەكسىزمۇ كۈچەت تېكىش ۋە كۆكتات تېرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار تۈرمىدە تاماق بىلەن بىرگە بېرىلىدىغان پىلاستىك ئارا قوشۇقنى كۈرەك قىلىپ، يەنە تاماق بىلەن بىرگە بېرىلگەن مىۋىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى، ئۇرۇق قىلىپ ئىشلەتكەن.
قانات: سىز تۈرمىدە ئۇلار بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتىڭىزمۇ ياكى ھەممسى بىلەن بىرگە كۆرۈشتىڭىزمۇ؟
Sabin Willett ئەپەندى : ئەپسۇسكى، بىز ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم، ئىكو لاگىرىدىكى يالغۇز كابىنىتلاردا كۆرۈشتۇق. يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇلار ئىگوئانا لاگىرىدا تۇرىدۇ. بىز ئۆتكەندە ئۇلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىلەن ئىگوئانا لاگىرىدا كۈرۈشكەن ئىدۇق.
قانات: كەچۈرىسىز، گۇەنتانامودىكى ئىككى لاگىرنى، ئىگوئانا لاگىرى بىلەن ئىكو لاگىرى تىلغا ئالدىڭىز، بۇ لاگىرلارنىڭ بىر-بىرىدىن نېمە پەرقى بار؟

Sabin Willett ئەپەندى : بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىمەن. بىز بۇ قېتىم گۇەنتاناموغا بارغىنىمىزدا، ئارمىيە دائىرىلىرى قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، بىزنىڭ بۇندىن كېيىن ئىگوئانا لاگىرىغا بارالمايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. ئەگەر بىز ئۇلارنى ئىگوئانا لاگىرىدا زىيارەت قىلغان بولساق، ئۇلار بىلەن كىچىك بىر لاپاس ئاستىدا، يۇمشاق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى زەنجىر بىلەن باغلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈشەتتۇق.
بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى. مەن ئادىل بىلەن قانداق كۆرۈشكەنلىكىمىزنى سۆزلەپ بىرەي. بۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ قانداق ناچار ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيسىز.
ئارمىيە دائىرىلىرى ئادىلنى بىز بىلەن كۆرۆشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتتىگەن سائەت 6 دىن 45 مىنوت ئۆتكەندە ئۇنىڭ پۇتىغا كىشەن، قولىغا تاقاق سالغان ھالدا، ئۇنى ئىكو لاگىرىغا ئېلىپ كېلىپ، بىر لاپاس يېنىدىكى بىر قەپەزگە سولاپ قويغان . ئادىل 2 سائەت يەنى بىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇيەرگە كەلگەنگە قەدەر قەپەزدە سولاقلىق تۇرغان. بىز يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۇتىدىكى كىشەن ۋە قولىدىكى تاقاق ئىلىندى ۋە بىزنىڭ ئادىل بىلەن ئىككى سائەت كۆرۈشۈشىمىزگە رۇخسەت قىلىندى. ئىككى سائەت سۆھبەتتىن كېيىن بىزنىڭ ئىكو لاگىرىدىن ئايرىلىشىمىز تەلەپ قىلىندى ۋە ئادىل يەنە قەپەزگە سولاندى -دە، يەنە ئىككى سائەت سولاقلىق تۇردى. بىز چۈشتىن كېيىن بىر يېرىمدا ئادىل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قايتىپ كەلدۇق. يەنە شۇ كىچىككىنە لاپاس ئاستىدا سائەت 4 يىرىمگىچە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا بىر ئىكو لاگىرىدىن ئايرىلدوق، گۇندىپايلار ئۇنى سائەت 7 دە ئىگوئانا لاگىرىغا ئېلىپ كەتكىچە ئادىل يەنە شۇ قەپەزدە سۇلاقلىق تۇردى. دېمەك، بىز ئادىل بىلەن جەمئىي بەش سائەت كۆرۈشتۇق. ئۇ بىز بىلەن بەش سائەت كۆرۈشۈش ئۈچۈن پۇت قولى زەنجىرلەنگەن ھالدا 6 سائەتكە يېقىن ۋاقت ئۆتكۈزدى. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، ئادۋۇكاتلارنىڭ گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار بىلەن كۈرۈشۈش شارائىتى بارغانسىرى ناچارلاشماقتا.
قانات: بۇ سۆزلىرىڭىزدىن ئىگوئانا لاگىرىدىكى شارائىتنىڭ ئىكو لاگىرىدىن خېلىلا ياخشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئىگوئانا لاگىرىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ كىتاب ، گېزىت ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنامدۇ؟
Sabin Willett ئەپەندى : ياق، كىتاب ۋە گېزىت ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ پەقەت قورئان ئوقۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تۈرمىدىكى ھەربىي دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئەنگلىزچە ئۆگىنىش كىتابلىرىنى ئوقۇشىغىمۇ رۇخسەت بەرمىگەن. ئەمما ئۇلار تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماي ئەنگلىزچە دەرسىنى باشلىۋەتكەن. ئۇلار، تۈرمىدە يېتىۋاتقان فرانسۇزچە، ئەنگلىزچە ۋە ئەرەپچە بىلىدىغان يەنە بىر مەھبۇستىن ھەركۈن ئەنگلىزچە دەرس ئالىدىكەن. ئۇلار ئاستا-ئاستا تۈرمىدە ئەنگلىزچە ئۆگىنىشكە باشلىغان.
قانات: دېمەك ئىگوئانا لاگىرىدىكى مەھبۇسلار بىر - بىرى بىلەن ئالاقىلىشالايدىكەن؟
Sabin Willett ئەپەندى : شۇنداق ئىگوئانا لاگىرىدا 9 كىشى بار. ئۇلار بىر يەردە، بىرگە تۇرىدۇ.
قانات: سىز يانىۋار ئىيىدا ئادىل ۋە ئابابەكرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىڭىز؟ بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشتا ئۇلارنىڭ رۇھىي ھالىتى قانداق ئىدى؟
Sabin Willett ئەپەندى : بۇ سۇئالنى سورىغانلىقىڭىز ياخشى بولدى. ھەم ئادىل ھەم ئابابەكرى ھەمدە سادىقنىڭ رۇھىي ھالىتىدىن، ئۇلارنىڭ بارغانسىرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار ناھايىتى جاسارەتلىك كىشىلەر، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ قېشىغا ھەر قېتىم قۇرۇق قول بېرىۋاتىمىز. يەنى ئۇلارغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ بارالمايۋاتىمىز. شۇڭا ئۇلار كۈنسېرى ئۆزلىرىنىڭ كىلەچىكىدىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە. ئۇلار بىر يىل ئاۋال، ھەربىي سوت ئۇلارغا گۇناھسىئىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندە ناھايىتى ئۈمىدلەنگەن. ئۇندىن كېيىن ئادۋۇكاتلار ئۇلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ مەسىلىنى سوتقا ئېلىپ بارغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئۈمىدلەنگەن ئىدى. لېكىن ئىشلار ئۇلار كۈتكەندەك بولمىدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشتا بولۇپمۇ ئابابەكرىنىڭ رۇھىي چۈشكۈنلىكى ناھايىتى ئېغىر ئىدى. چۈنكى بىز ئابابەكرىگە دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزدۇق.
قانات: دېمەك، نەچچە يىلدىن بېرى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ رۇھىي ھالىتىگە جىددىي تەسىر قىلماقتا شۇنداقمۇ ؟
Sabin Willett ئەپەندى : ئەلۋەتتە، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىنڭىزدە بۇ ئەھۋالنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر ئەھۋالدا بولۇشى تەبئىي. تۈرمىدە ياتقان ھەر قانداق بىر كىشى قانچە يىلغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، قاچان تۈرمىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن بۇلار قاچانغىچە تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى، تۈرمىدىن چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار - يوقلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ رۇھىي ھالىتىگە ناھايىتى سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قانات: سەككىزىنچى ماي كۈنى ئوتتۇرا سوت ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ دېلوسىنى كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە بىرئاز مەلۇمات بىرەمسىز؟
Sabin Willett ئەپەندى : شۇنداق 8-ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا ئوتتۇرا سوت ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ مەسىلىسىنى كۆرىدۇ. بىز ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا سوتنىڭ ، فىدرال سوتنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى قارارىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى كۈتىۋاتىمىز.
قانات: بەرگەن مەلۇماتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت سەبىن ۋەلىت ئەپەندىم.