خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساقتا ماللار ھەققىدە

0:00 / 0:00

خىتاي دۇنيا بويىچە ساقتا مال ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ بازا بولۇپلا قالماي، بەلكى ساقتا مەھسۇلات ئىكىسپورت قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن. يېقىندا ئامېرىكىدا ئېچىلغان

" خەلقئارا ساقتا ماللارغا قارش تۇرۇش بىرلەشمىسى"تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: "دۇنيادىكى نۇرغۇن چەتئەل شېركەتلىرى، مەيلى ئۇ چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، مەيلى ئۇلارخىتاي بىلەن سودا جەھەتتە ئالاقىسى بار بولسۇن ياكى بولمىسۇن،ھەممىسى دىگىدەك خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساقتا مەھسۇلاتلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماقتا."دەپ تەكىتلەپ، "ھازىر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساقتا مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپۈيىپ، ساقتا مال ياسىغۇچىلارنىڭ ھۆنىرىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كەتتى" دەپ كۆرسەتتى.

ساقتا مال ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ مەنپئەتى ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان بۇ يۇىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھازىر ئامىرىكا بازىرىغا سېلىنغان ھەرخىل تۈردىكى داڭلىق ئاپتوموبىل ئۈسكۈنلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دىگىدەك ساقتا ئىكەنلىگىنى،شۇنداقلا بۇ خىل ساقتا ئۈسكۈنلىرىنىڭ داڭلىق شېركەتلەرنىڭ نامىنى بۇلغاشتىن باشقا يەنە ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ھاياتىغىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى" خىتاي ئۇچۇر مەركىزى"نىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەفەندىمۇ خىتايدىن ئىكىسپورت قىلىنىۋاتقان بۇ خىل داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىل ئەسۋابلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيا خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە ھاياتىغاناھايىتى چوڭ تەھدىت بولۇپ ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ خىتاي ساقتا ماللىرى ھەققىدە قىلغان سۆزى

بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۆزىنىڭ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يامراپ كېتىۋاتقان خىتاي ساختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

خەلقئارادا جازالاش قانۇنى بېكىتىلىپ،خىتاي قاتتىق جازالىنىشى كېرەك

ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەفەندى " خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ساقتا مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە يامراپ كېتىۋاتقان بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا، پەقەت خىتاينى ئەيىپلەش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ، يەنى بۇخىل ئەھۋالنى توساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا جازالاش قانۇنى بېكىتىش ئارقىلىق خىتاينى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسىمۇ قاتتىق جازالاش كېرەك" دەپ بىلدۈردى.