جۇشۆيۇەن: "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت" (1)

0:00 / 0:00

بۇ جۇشۆيۇەن ئەپەندىنىڭ 2002 ‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ساياھەت قىلغاندىن يېزىپ چىققان ساياھەت خاتىرىسى "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت"نىڭ 1 ‏- قىسمى.

جۇشۆيۇەن ئەپەندى 1970 ‏- يىللاردا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاسپرانتورىيىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 80 ‏- يىللاردا ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 90 ‏-يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدا تىجارەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

بارسە كەلمەس يولغا مېڭىشقا زورلىنىش

"شىنجاڭ" دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ئۇرۇشقا ئەۋەتىدىغان جاي دەيدىغان چۈشەنچە بىزگە ئۇزۇندىن تارتىپ سىڭىپ كەتكەن ئىدى. ‏- دەپ بايانىنى باشلايدۇ جۇشۆيۈەن ئەپەندى 2002 ‏- يىلى يازدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغان ساياھەت خاتىرىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە - 1968 ‏- يىلى شاڭخەي پويىز ستانسىسىدا كۆرگەن بىر ۋەقەمۇ ئېنىق ئېسىمدە بار... پويىزنىڭ قوزغىلىش سىگنالى چېلىنغان ھامان، شىنجاڭغا مېڭىش ئۈچۈن ۋاگونغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغان ۋە سەپەرگە ئاتلانغانلارنى ئۇزاتقىلى كەلگەن مىڭلىغان ئادەمنىڭ يىغا -زارى بىراقلا كۆتۈرۈلدى. شۇ چاغدا بەزى مومايلار يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى ... ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏-‏ 'شىنجاڭغا قاراپ مېڭىش' دېگەن شۇ زاماندىمۇ 'بارسا كەلمەس' دېگەن يولغا ماڭغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى. ئەمما رەھىمسىز ھۆكۈمەت گۆدەك ياشلارنى پويىزلاپ -پويىزلاپ شۇ بارسا كەلمەس تەرەپكە يولغا سېلىۋاتىدۇ... ياشلارنى شىنجاڭغا يولغا سالىدىغان ئىشنى شاڭخەيدىلا ئەمەس، كېيىن سىچۇئەندىمۇ كۆردۈم. 1971 ‏-يىلى، مەن سچۇئەندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا ئەكسىل‏- ئىنقىلابچى' قىلىنىپ يېزىغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلگەن ئىدىم. تۇرمۇش بەك قىيىن ئىدى. يېزا ئاياللىرى 'شىنجاڭدا قوساق تويىدىكەن' ، 'شىنجاڭغا قىز بالا ئالىدىكەن، ھېچقانداق رەسمىيەت ئۆتىمەي پويىزغا چىقسىلا بولىدىكەن' دېيىشكەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئىككىنچى ئەترەتتىن بىرسى ئېرىنى، بالىلىرىنى تاشلاپلا شىنجاڭغا بارىدىغان پويىزغا چىقىۋاپتۇ' ... دېگەن گەپمۇ بولدى. شۇ چاغدا، مەندىمۇ شىنجاڭ تەرەپكە كېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتىن قۇتۇلۇش، ئەركىنلىككە ئېرىشىش خىيالى تۇغۇلمىغان ئەمەس، ئەمما مەن قىز بالا ئەمەستە، مىنى پويىزغا چىقارمىدى.

77 ‏- يىلى ، بىزنىڭ ئۆيگە مىنىڭ بىر ھاممام كەلدى. ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- ئەسىلىدە، مىنىڭ تاغام 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دىكى ئەلەم كۆرىشى' دە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ سولچىلارنى قوللاش قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ھاممام شىنجاڭغا قىز بالا ئاپىرىدىغان پويىز غا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ بىڭتۇەنگە بېرىپ، كۇيتوڭدىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ باشلىقىغا خۇتۇن بولغاندىن كېيىن ھال -كۈنى ياخشى بولۇپ قاپتۇ. شۇ چاغدا، ھاممامنىڭ بىڭتۇەندىكى شۇ ئەمەلدار ئېرى بىزگە 'شىنجاڭ بەك يىراق' ، 'شىنجاڭدا ئاشلىق كام ئەمەس، ساپلا بۇغداي ئۇنى يەيمىز" ، 'شىنجاڭدا قىز بالا كام' دېگەن گەپلەرنى قىلغان ئىدى. گەرچە مىنىڭ بۇرۇن 'شىنجاڭ' دېگەن بۇ جاينى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مىنىڭ پېشانەمگە شۇنداق پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، بۇ غەلىتە جاينى كۆرۈش ماڭا زادىلا نېسىپ بولمىغان ئىدى. ‏

بوشاشمىغان ئىرادە

ئەمما ئاپتور 'شىنجاڭ دېگەن بۇ جاينى بىر كۆرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن. ‏- 'شىنجاڭ' دېگەن بۇ جاي ھەققىدە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىنىڭ مېڭەمدە 'چەكسىز كەتكەن قۇملۇق'، 'چۆل -جەزىرە'، 'گەپ ئاڭلىمايدىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ ئەسكەرلىككە پالايدىغان جاي'، 'قىز بالا كام جاي'، ئاشلىق كام ئەمەس'، دېگەن ئۇقۇملار مەۋجۇت ئىدى. ‏- دەيدۇ ئاپتور ساياھەت خاتىرىسىنىڭ كىرىش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ‏- مەن بېيجىڭدا ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، مېڭەمدىكى شۇ غەلىتە 'تۈگۈن' لەرنى يېشىش ئۈچۈن، خىتايچە قەدىمىي كىتابلاردىكى 'غەربى يۇرت' نى تەتقىق قىلىشنىمۇ قولدىن بەرمىدىم. كېيىن، مەن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلىشىپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ بولغاندىن كېيىن، 'شىنجاڭ' دېگەن بۇ جايغا بىر بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ھەممە جەھەتتىن شارائىت پىشىپ يېتىلدى. ئەمدى چوقۇم بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك. بەزى كىشىلەر ماڭا 'شىنجاڭ ھازىر بىر خەتەرلىك جاي بولۇپ قالدى' دېدى. مېنىڭ بېيجىڭدىكى ئىگىچەممۇ 'شىنجاڭ ناھايىتى سەزگۈر جاي ، ئادەتتە گەپنى چاغلىماي قىلىۋىرىدىغان ئادەم مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ جايغا بارماي تۇرغىنى تۈزۈك' دېدى. لېكىن مەن نېمىلا بولمىسۇن 'شىنجاڭ' دېگەن شۇ جاينى چوقۇم بىر كۆرۈشۈم كېرەك.

شۇنداق قىلىپ، جۇشۆيۇەن ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2002 ‏-يىلى يازدا ئامېرىكىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاغ -دەريالىرىنى، قۇملۇق -جەزىرىلىرىنى، شۇ مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن ئادەملىرىنى، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەتنى، ئۇنىڭ مېڭىسىدە نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان شۇ تېمىغا ئالاقىدار غايىب كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان. ...

ئەمما جۇ شۆيۇەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزگىچە ھېسىياتقا ئىگە بولغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)