جۇشۆيۇەن: "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت" (5)

0:00 / 0:00

بۇ جۇشۆيۇەن ئەپەندىنىڭ 2002 ‏-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ساياھەت قىلغاندىن يېزىپ چىققان ساياھەت خاتىرىسى "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت" نىڭ 5 ‏-قىسمى.

مۇستەقىلچىلەرنىڭ باشلىقلىرى يۇقۇرىي دەرىجىلىك زىيالى

'بىز كورلا شەھىرىدىن مەشھۇر قەدىمىي شەھەر كۇچاغا كېتىۋاتىمىز. ‏-‏-‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- كۇچا قەدىمدە مەشھۇر بۇددىزم يۇرتى بولۇپ، بۇ يۇرتنىڭ خەلقى ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرىنىڭ بىرى بولغان 'توخرى تىلى'دا سۆزلىشىدىغان خەلق ئىدى. بۇ يۇرتتا يول ياساش غەلىتە ئىكەن، بىر جايدا يول ياسىسا، پۈتۈن يولنى توساپ ، ئاپتوموبىللارنى ئۆتكەزمەيدىكەن. بىز مەھەللىلەردىكى چاڭ -توزان قاپلاپ كېتىدىغان كىچىك يوللاردا ماڭدۇق. ‏دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- شوپۇر شاۋجۇ ماڭا بىر جاينى كۆرسۈتۈپ "مۇستەقىلچىلەر بىلەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېتىشقاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قۇربان بولغان جاي مۇشۇ" دەپ تۇنۇشتۇردى. يولباشچى شاۋما بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ "مۇستەقىلچىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەممىسى بېجىڭدە، ئۈرۈمچىدە ئالىي بىلىم ئالغان زىيالىيلار، بۇ خەخنىڭ ئىچىدە بىلىمى قانچە يۇقۇرىي بولغانلىرى شۇنچە ئەكسىيەتچى" دېدى. مەن بۇ يۇرتتىكى ئادەملەردە ساقلىنىپ قالغان ئېتنىك خۇسۇسىيەتلەرگە دېققەت قىلدىم. بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرىنىڭ چىرايىدا قەدمدىكى ياۋرۇپالىقلارغا خاس بەلگىلەر ئېنىق. خوتۇن - قىزلارنىڭ رەشگارەش كېيىنىشلىرى باشقا يۇرتتىن ئۆزگىچە. خادىك ھارۋىلارنىڭ بېزەك- جابدۇقلىرىمۇ يۇچۇن. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- ھۆكۈمەت بۇ يۇرتتا يەرلىك مەھسۇتلارنىڭ باھاسىنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىۋاپتۇ. دېئامىتىرى بىر گەز كېلىدىغان چوڭ ناننىڭ باھاسى بىر يۇەن، زىخقا لىق گوش توشقۇزۇپ ئۆتكۈزۈلگەن كاۋاپنىڭ باھاسى 2 يۇەن. ئۇنىڭ تەمى ھېلىغىچە تىلىمدىن كەتمەيدۇ. شاۋما بىزگە "بۇ خەق بەكلا ساددا" دەپ ئىزاھات بەردى. مەن بۇ چاغدا، يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى مۇستەقىلچىلىرىنى 'تېرروچى تەشكىلات'دەپ تىزىمغا ئالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بولسا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 'قاتتىق زەربە بېرىش ' دېگەن ھەركىتىنى ھەدەپ كېڭەيتىپ ئۇيغۇرلارنى كۇچاپ باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئويلىدىم. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ مىللەت يۇقۇرىدىكى بەدناملارنىڭ ھېچقايسىغا لايىق ئەمەسكەن.

بىز كۇچادىن باي ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدىكى 'قىزىل مىڭئۆي' گە باردۇق. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- چۆلتاغ مۇھىتى ۋە مۇزات دەرياسىنىڭ ئىقلىمى ھەققىدە ئەمەلىي ھېسياتقا ئىگە بولدۇق. بۇ جايدا ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەتلەرنى تەسۋىرلەشكە توغرى كەلسە، ئۇنى دۇنيادىكى يەنە بىر دوڭخۇاڭ دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ. بۇ سەيلىگاھتا، قىزىل مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەتلەرنى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلىلەر نىمۇ، بۇ سەيلىگاھنى باشقۇرىدىغان خىتاي ئارخىلوگلىرى ئۆزى خالىغانچە مەنا بېرىپ چۈشەندۈرىۋىرىدىكەن.

كەچتە 'كۇچا مىھمانخانىسى'دا قۇنۇپ قالدۇق. ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- بۇ مىھمانخانىنىڭ دېرەكتورى ئەخمەتجان ئەپەندى 50 ياشتىن ھالقىغان ھامان مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىرىلىپتۇ. ئۇ ھازىر 781 يۇەن پېنسىيە مائاشى ئالىدىكەن. ئەخمەتجان ئەپەندى بويى ئىگىز ھەم چىرايى گېرمانلارغا ئوخشايدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ئوقۇش پۇلى تۆلەپ ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇتقان بىر ئوغلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئالماپتۇ. ئەخمەيجان ئەپەندى ئۆزى ھازىر مۇشۇ مىھمانخانىدا سوغات بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر كىچىك تىجارەتكە ئىگە بولالىغانلىقىدىن ناھايىتى خوشال ئىكەن. 'تەجرىبىڭىز بولغاندىكىن، ئۆزىڭىز يەنە بىر مىھمانخانا ئاچمامسىسىز؟ ' دېسەم، ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ ناھىيىدە تېخى بىرەر خەنزۇ شۇنداق قىلماپتۇ، ئەگەر بىرەر خەنزۇ ئاۋال يول ئاچسا، ئاندىن ئۇيغۇرلامۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىيالايدىكەن. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- مەن ئەخمەتجان ئەپەندىدىن 'مىچىتكە بارامسىز؟' دەپ سورىسام، ئۇ 'كادىرغا رۇخسەت يوق، ئەگەر ناھىيىنىڭ ھاكىمى مىچىتكە بارالىسا، مەنمۇ بارالايتتىم. ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ھەج قىلىشنى ئويلايمەن. بىراق رەسمىيەت ئۆتەش بىزگە بەك تەس. بىزگە سېلىشتۇرغاندا، يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس. دېھقانلار ئۈچۈن ئەڭ قىيىن مەسىلە پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى، ئازراق بانا تاپسىلا، خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەر-زىمىننى تارتىۋالىدۇ' دېدى. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- شىنجاڭدا ھۆكۈمەت يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدىكەن. چەتئەلدىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك خەتەرلىك ئىكەن. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەرتىسلىرى تەيۋەنگە بارغاندا، بەزى كىشىلەر ئۆركەش بىلەن كۆرۈشۈپتىكەن، قايتىپ كەلگەندە سوراق قىلىنىپتۇ.

تەكلىماكاندىكى يوللارنى نېفتلىكلەر ئىگىلىۋاپتۇ

بىز كۇچادىن تەكلىماكان تەرەپكە مېڭىپ، ئۇيغۇرلار بۇرۇن 'جاڭگال' دەپ ئاتايدىغان بىر يېزىغا كەلدۇق. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- بۇ جايدىكى بازاردا بىر ناۋايخانا بار ئىكەن. يېنىدا بۇلاق سۈيى ساتىدىكەن. مۇشۇ جايدا چاي -پاي ئىچىپ ھال - مۇڭ قىلىشىدىغان ئادەم كۆپ يىغىلىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىدا قوي سويىۋاتقان قاسساپلارنى كۆردۇق. بۇ جاينىڭ ئادەملىرى چىرايى ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشايدىكەن. بۇ جاينىڭ خەلقى ناھايىتى مىھماندوس ئىكەن. بىزدىن ھال -ئەھۋال سورىدى. يولباشچى شاۋما بىزنى ئۇلارغا 'ئامېرىكىلىق خەنزۇ' دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن، بىزگە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان پۇرسەت بولمىدى. ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- بۇ يېزىدا شورلۇق‏-زەيكەش يەرلەر كۆپ ئىكەن. نېفتلىكلەر بۇ يېزىنى ھازىرچە تېخى بەك ۋەيران قىلىۋەتمەپتۇ، ئوي-دوڭغۇل بولسىمۇ، ھەر ھالدا بىر يول ياساپ قويۇپتۇ. بىزنىڭ ئاپتوموبىلىمىز بۇ جاڭگالدا ئىگىز -پەس سەكرەپ، چايقىلىپ ئىككى سائەت يول ماڭغاندىن كېيىن، مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر پوستتا تۇرۇپ ساقلايدىغان بىر ئاچا يولغا كەلدۇق. يولنىڭ بىرىدە 'بۈگۈر" دېگەن خەت يېزىلغان ، يەنە بىرىدە 'قۇملۇق يولى' دېگەن خەت يېزىلغان يول بەلگېسى تۇرۇپتۇ. بىز قۇملۇق يولى دېگەن تەرەپكە ماڭدۇق. (داۋامى بار) (ۋەلى)