جۇشۆيۇەن: "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت" (6)

0:00 / 0:00

بۇ جۇشۆيۇەن ئەپەندىنىڭ 2002 ‏-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ساياھەت قىلغاندىن يېزىپ چىققان ساياھەت خاتىرىسى "جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت" نىڭ 6 ‏-قىسمى.

تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەندە

بىزنىڭ ساياھەت ئاپتوموبىلىمىز كۇچانىڭ 'جاڭگال' دەپ ئاتىلىدىغان يېزىسىدا ئىگىز -پەس سەكرەپ، چايقىلىپ ئىككى سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلەر پوستتا تۇرۇپ ساقلايدىغان بىر ئاچا يولغا كەلدۇق. ‏- دەپ ساياھەت خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور جۇشۈيۇەن ئەپەندى ‏-‏-‏- يولنىڭ بىرىدە 'بۈگۈر" دېگەن خەت يېزىلغان، يەنە بىرىدە 'قۇملۇق يولى' دېگەن خەت يېزىلغان يول بەلگىسى تۇرۇپتۇ. بىز قۇملۇق يولى دېگەن تەرەپكە ماڭدۇق. 'تارىم كۆۋرۈكى'گە كەلگەندە بىردەم توختاپ ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى كۆزەتتىم. كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلەتتى. مۇشۇ زېمىننىڭ 'ئانا دەرياسى' دەپ تەسۋىرلىنىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ 'ئوغۇز سۈتى' ئەلۋەك ئىدى. ئۇ چەكسىز قۇملۇقنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قاراپ شارقىراپ ئېقىۋاتىدۇ. ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىنلا قۇملۇق يولى باشلىنىدىكەن. بۇ جايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئىككى ئادەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بىرى تاۋۇز ساتىدىغان خېنەنلىك. مەن ئۇنى قەدىمدىكى 'جەنۇبىي ئوكيانلىق جۇگېلياڭنىڭ تاۋۇز سېتىشى' دەپ ئوخشاتتىم. يەنە بىرى ئاسارە-ئەتىقە ساتىدىغان ئۇيغۇر. مەن ئۇنى قەدىمدىكى 'خوتەنلىك بوۋاينىڭ ئاسارە ‏-ئەتىقە سېتىشى' غا ئوخشاتتىم. مەن بۇ جايدىكى خېنەنلىككە 'بۇ چوقۇم يالغان تاۋۇز' دەپ چاقچاق قىلدىم. ئۇ خېنەنلىك ماڭا 'ئەگەر بىز خېنەنلىكتە يالغان مال ياسىيالايدىغان قابىلىيەت بولسا، ئالۋاستىمۇ تۇرمايدىغان بۇ جايغا مەن كەلمەيتتىم' دېدى. ئۇيغۇر تىجارەتچى بىزگە 'ئاسارە-ئەتىقە' ساتماقچى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئاسارە - ئەتىقىلەردىن قەلەمدان، ئۆرە قەدەھ ۋە چۆچەككە كۆزۈم چۈشتى. باھاسىنى 800 يۈەن دېدى. مەن 500 يۈەن بېرەي دېدىم. يولباشچى شاۋما ئۇنىڭغا سالا قىلىپ، ئاخىر سودىنى 300 يۈەنگە پىچىپ قويدى. بۇ ئۇيغۇرغا ئۇۋال قىلدى. ساتىمەن دېگەنگە ساتقۇزمايدىغان، ئالىمەن دېگەنگە ئالغۇزمايدىغان، بىزنىڭ يولباشچى شاۋمادەك ئارىغا كىرىۋېلىپ، خەقنىڭ ئىشىغا خوجا بولىۋالىدىغان كىشىلەرگە ئەجەبلەندىم. ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- يەنە بىر سى، بۇ جايغا مەبلەغ سالغان بايلارنىڭ قۇملۇقتا يول ياساش، ھەتتا تىجارەت قىلىشقا شۇقەدەر كۆپ قىممەت سەرپ قىلىشقا چىداپ، لېكىن ئاددىي بولسىمۇ بىر ھاجەتخانا ياساپ قويۇشقا چىدىمىغانلىقىغا ئەجەبلەندىم.

قۇملۇق يولىدىكى مۇجىزە

دۇنيادا چوڭلۇق جەھەتتە سەھرايى كەبىردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كېسىپ ئۆتىدىغان 500 نەچچە كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ قۇملۇق يولىدا كېتىۋاتىمىز. ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- شامال بىلەن قۇم بارخانلىرى ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدىغان غەلىتە ئۆزگىرىشلەر، ئادەتتە ئوكيانلاردا ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرىنىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە، بەلكى ئۆزىگە خاس يەنە بىرخىل ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ كۆرىنىدىكەن. يول بۇيى كۆچمە قۇملارنى مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باغراش كۆلىنىڭ قۇمۇشىدا توقۇلغان بورىلارنى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپتۇ. قۇملۇقتا كۆمۈلۈپ ياتقان توغراقلار بەزىدە ئېچىلىپمۇ قالىدىكەن. ئازراق نەملىك بولسىلا ياشىرىپ يەر يۈزىدە مىڭ يىل ياشىرىپ تۇرالايدۇ، قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مىڭ يىل تىك تۇرالايدۇ، يىقىلغاندىن كېيىن يەنە چىرىپ كەتمەي مىڭ يىل تۇرالايدۇ دەپ تەسۋىرلىنىدىغان توغراقلارنى كۆردۇق. بۇ جاينىڭ يەرلىك خەلقىنى شۇنداق روھ بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن خەلق بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)