0:00 / 0:00
قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىپ كەلگەن بەزى تەشكىلات مەسئۇللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىۋاتقان بولسا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن زىيارەت قىلىپ كەلگەنلەر بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى پاش قىلماقتا.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن ھەسەنجان ئىسىملىك بىر كىشى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىر قىسمەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.