بىر مۇساپىرنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرى

0:00 / 0:00

1962- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىگە قېچىپ چىققان قېيۇم ياسىن ئەپەندى 62 ‏- يىلىدىن 95 ‏- يىلىغىچە قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلغان. 95 ‏- يىلى ئۇ كاناداغا چىقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان، 40 نەچچە يىلدىن بېرى ، مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ۋەتەنسىزلىك دەردىنى يەتكۈچە تارتقان قېيۇم ياسىن ئەپەندى قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يېزىشقا كىرىشكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە قېيۇم ياسىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.