0:00 / 0:00
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى دۇنيادا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدىغا كۆچۈش تارىخى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن شۇ دەۋرلەردىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاچاندىن باشلاپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر يىلنامىنى كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن 19 - ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى، 19 - ئەسىرنىڭ 30 ۋە 40 - يىللىرىدا تۈركۈملەپ كۆچۈش بولغانلىقىنى بىلىمىز.
سەئۇدىكى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىددىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان توختى مەلۇمات بېرىدۇ.