ش ھ ت تېررورىزم ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى


2004.09.23

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تېرورىزىمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىدۇ.

بېشكەك يىغىنىغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى باش مىنىستىرلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىسادى ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش لاھىيەسىگە ئىمزا قويدى. كېلىشىم، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، رۇسىيە باش مىنىستىرى فرەدكوف، قازاقىستان باش مىنىستىرى دانىيال ئەخمەتوف، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېفلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالاندى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۈزبەكىستان بىلەن تاجىكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىنى قاتناشتۇردى . رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل فرەدكوف، ھەمكارلىق پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش لاھىيەسى ئۈستىدە توختۇلۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر مەبلەغ، سودا، مۇلازىمەت ۋە پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەركىن ئېلىپ بېرىلىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلىماقتا دەپ كۆرسەتتى .

رۇسىيە ۋەكىلى بېشكەكتىكى بۇ قېتىمقى يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاموزنا بېجىنى ماسلاشتۇرۇپ، باج مىقتارىنى تۈۋەنلىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىقتىسات ساھەسىدىكى ئەمىلى ھەمكارلىقنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە رىقابەتكە قارشى تۇرۇشتىكى رولىنى تەكىتلىگەن رۇسىيە باش مىنىستىرى فرەدكوف مۇنداق دەيدۇ: “ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىز قانچە كۈچەيگەنسىرى، تېرورىزىمغا تېخىمۇ ئۈنۈملىك ۋە كەتئىلىك بىلەن زەربە بىرەلەيمىز. بېشكەك يىغىنىدا تۆزۆلگەن 6 دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىم ئىقتىسادى ساھەدىكى 127 خىل تۈرگە چېتىلىدۇ . بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىپخان دۆلىتى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تانايېف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا، ئىقتىسات ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە دەپ تەكىتلىگەن .

قىرغىزىستان پرىزىدېنتى، بېشكەكتىكى باشلىقلار يىغىنى جەرىيانىدا ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى نارېن سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن . بۇ ئارىدا قازاقىستان باش مىنىستىرى دانىيال ئەخمەتوف، ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى دائىرىسىدىكى ئىستىقبالى زور ئىقتىسادى ھەمكارلىق تۈرى دەپ ئاتىدى. بىراق قازاقىستاندىكى بەزى ئەرباپلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قازاقىستان دۆلەتلىك كىتاپخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇرات ئەۋىزوف، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۇ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پراففېسورى تىمۇر خوجائوغلى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق قىزغىنلىقى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يەنىلا خىتايدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

بېشكەك يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات فوندى جەمىيىتى ۋە سودا ئىشلار كومېتىتى تەسىس قىلغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى بېشكەك باشلىقلار يىغىنى بىر كۈن داۋاملاشتى. پەيشەنبە كۈنكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ روسىيەگە يۈرۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ روسىيەدىكى زىيارىتى 25 - سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.