شاڭخەيدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى شىرىن خانىم بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوقۇش، تىجارەت قىلىش ۋە يەرلىشىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلمەكتە.

شاڭخەيدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 10 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە بىر شىركەتنىڭ باشلىقى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى شىرىن خېنىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدا ياشاش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.